ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ چەكلىمىسىز تەكشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-04-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

4 -ئاينىڭ 1 ‏- ۋە 2 ‏-كۈنلىرى بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبتىدە ئۇيغۇر رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى ئەندىشىلىنەرلىك بىر ئەھۋال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ يېقىندا چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشىنىڭ ئىجابىي بىر قەدەم ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ تەكشۈرۈشنىڭ شەكىل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە لاگېرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ نازارەتسىز، چەكلىمىسىز ۋە مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. سۆھبەتتە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە مۇتەخەسسىسىلرىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويولىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تور بېتىدىكى بۈگۈنكى مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت داۋامىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ، راھىلە داۋۇت، ئەلى مامۇت، غەيرەت نىياز، مەمەتجان ئابدۇللا ۋە ئابدۇخېلىل زۇنۇنلارنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنىپ، بۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.


 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت