خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا «خىتاي-ياۋرۇپا» پويىز لىنىيسىنى ئىشقا كىرىشتۇرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.02.10

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇدىن موسكۋاغا، قەشقەردىن تاشكەنتكە، كورلادىن روسىيە ۋە پولشاغا قاتنايدىغان 9 خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) پويىز لىنىيىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بۇ پويىز يوللىرى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. خەۋەردە يەنە، قاغىلىق ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ قورغاس ئارقىلىق تاجىكىستانغا بارىدىغان بىر يۈك توشۇش پويىزىنىڭمۇ يولغا چىققانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى قاتناش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە توشۇش تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يۈك توشۇشتىكى خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەرنى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىسى قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇا تورى تېخى يېقىندا قەشقەر ئايرودرومىغا پاكىستاننىڭ لاھور، ئىسلامئاباد قاتارلىق شەھەرلىرى، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت شەھىرى ۋە بېلگىيەنىڭ ليېگې قاتارلىق جايلىرىغا بارىدىغان خەلقئارالىق يۈك توشۇش ھاۋا لىنىيەلىرىنى قوشقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان خىتاينىڭ ئەمدى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.