ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن تۈزگەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى توختاتقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-04
Share

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ بۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن تۈزگەن غايەت زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى توختاتقان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ۋالدىس دومبروۋىسكى فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپتىن ئېلىپ بارىدىغان بارلىق سىياسىي تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىمىزنى توختاتتۇق. ناھايىتى روشەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن جازاسى ۋە خىتاينىڭمۇ ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىشى بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشىغا پايدىسىز بولدى. بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى ئەمەلىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىغا باغلىق». لاتۋىيەنىڭ سابىق باش مىنىستېرى بولغان ۋالدىس دومبروۋىسكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.

ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي 7 يىللىق سۆھبەتتىن كېيىن ئاخىر غايەت زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇنى تەستىقلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

بۇ يىل 3-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ جازالىغانىدى. خىتايمۇ ياۋروپادىكى بەزى سىياسىي ئەربابلار، ئالىملار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا يۈرگۈزگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت