«ۋولكس ۋاگېن» ئاپتوموبىل شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز سادا
2019.04.16

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گېرمانىيەنىڭ «ۋولكس ۋاگېن» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىجرائىي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى 15-ئاپرېل كۈنى تۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلىنغان. سىن كۆرۈنۈشىدە ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى (BBC) نىڭ مۇخبىرى «ۋولكس ۋاگېن» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا «ۋولكس ۋاگېن» ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىدا، ئۇ، رايوندا شۇ خىلدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ بارلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ھەم پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئارقىدىنلا مۇخبىرنىڭ «ئۇنداقتا سىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىڭىزدىنمۇ پەخىرلىنەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا مەزكۇر ئەمەلدار جاۋاب بېرىپ: «شۇنداق، بىز يەنە ئۇيغۇر رايونىدا قۇلايلىق ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىمىز» دېگەن. 

ئاخىرىدا مۇخبىر ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتىن پەخىرلىنىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتقىنىدا، ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە باھا بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

تۋىتتېردا تارقالغان مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىگە ئەنگلىيە نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس راين ساممۇ باھا سۆزى يازغان. ئۇ خېتىدە پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننى تىلغا ئالغان. 

ئۆتكەن مەزگىلدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا قارىتا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.