ياۋرۇپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى يېڭى جازا ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-12-17
Share

ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى يېقىندا ماقۇللانغان «يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق جازا قانۇنى» نى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن چىقىرىش تارمىقى ئۆتكەن ھەپتە «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆز ئالدىغا «يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق جازالاش تۈزۈمى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ماقۇللىغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ قانۇننى ماقۇللاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي مۇناسىۋەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى رېينخارد بۇتىكوفېر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بويىچە جازالىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي سىياسەتلەرگە مەسئۇل مۇدىرى جوسېپ بوررېلمۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىككە قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈش پىلانى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن ئىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتى بولسا بۈگۈنكى چاقىرىقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىدا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە بىڭتۈەن قاتارلىق مۇئەسسەسىلىرىنى تېزدىن جازالىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت