ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسى تەتقىقاتى،جۈملىدىن دېھقانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنولوگىيە، ئۇچۇر ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ھەم باشقا تەرەپلەرگە ياردەم كۆرسىتىش ئۈچۈن 21 مىليارد 500 مىليون ياۋرو بېرىشنى قارار قىلغان.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا، 28-ئاپرېل كۈنى بۇنى ئۇقتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستاننى 27 يىل ئىدارە قىلغان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېۋ قوشنا قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن. شۇنىڭدەك يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش قەدەملىرىنىڭمۇ بېسىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىم ئۆزبېكىستانغا بېرىدىغان 21 مىليارد ياۋرو ياردىمى ئۆزبېكىستان يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدىن ئېرىشكەن ئەڭ زور ئىقتىسادىي ياردەم ھېسابلىنىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاق ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە يەنە ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھات مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
مەلۇمكى، ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە ئۆزبېكىستان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە غەرب مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن خالى قالدۇرۇلغان ئىدى.