ياۋروپادىكى پولات - تۆمۈر ئىشچىلىرى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە سېتىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
2016.02.15
15 - فېۋرال كۈنى ياۋروپادىكى 17 دۆلەتتىن كەلگەن 5000 نەپەر پولات - تۆمۈر ئىشىچىسى برىيۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىناىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ خىتاينىڭ پولات - تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نامايىشچىلار ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ سودا - سانائەت بۆلۈمىدىن خىتاينىڭ تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپادا بازىرىدا تۆكمە سېتىلىشىغا جىددىي قاراپ، ياۋروپا كارخانىلىرى ئۈچۈن ئادىل رىقابەت مۇھىتىنىڭ يارىتىلىشىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش پۇرسىتىگە كېپىللىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ «خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىدەك رىقابەت تەڭسىزلىكىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز، بارلىق تەدبىرلىرىمىزنى قوللىنىپ خىتاي تەرەپنى سودىنىڭ قائىدە - پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلدۇرىمىز» دېگەن.
خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، ياۋروپا ئىىتتىپاقى ئۆتكەن ھەپتە پولات تۇرۇبا ۋە پولات تاختا قاتارلىق خىتاينىڭ 9 تۈرلۈك پولات مەھسۇلاتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدە بازار تاپالمىغان ۋە دۆلەت سىرتىغا قاراپ ئاققان. بۇ، ياۋروپا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قېلىش، زاۋۇتلار توختاپ قىلىش ۋە ئىشچىلار ئىشسىز قېلىشتەك ئاقىۋەتلەرنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرگەن.









