ياۋروپا بىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىتلىدى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.06.23
2015.06.23
ياۋروپا بىرلىكى 22 - ئىيۇن دۈشەنبە ئېلان قىلغان « 2014 - يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىدا، تەيۋەندىكى پىكىر ئەركىنلىكى ئەھۋالىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە لايىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى كونتروللۇقى ۋە ئۇيغۇر ھەم تىبەت سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
دوكلاتتا خىتاينىڭ 2014 - يىلدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ۋە ئۇيغۇر،تىبەتلەرگە قاراتقان مىللى سىياسىتى ۋە دىنىي سىياسىتى، ئۆلۈم جازاسى قاتارلىقلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ (ICCPR)كېلىشىمى يەنى«خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسى»غا ئىمزا قويغانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.