دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى» خاتىرىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، مانا بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان شاھىتلار دۇنيانى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىردى.
«ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن يەھۇدىي ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن 28-يانۋار كۈنى تارقىتىلغان قىسقا ۋىدىيودا ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان ۋە ياشلىرى 80 دىن ھالقىغان ھەقىقىي شاھىتلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە مۇنۇلارنى دېدى: «بىز يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچىلار. بىزگە بۇنداق قىرغىنچىلىقنىڭ ھەم بىزگە ھەم باشقىلارغا قايتا يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان. بىراق بۈگۈن خىتايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم پەقەتلا كىملىكى سەۋەبىدىن لاگېرلارغا قامالدى. ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، تېببىي تەجرىبە ئوبيېكتى ۋە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىگە قۇربان قىلىنىشتەك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم».
ئۇلار يەنە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، دىنى ئېتىقادىدىن، مىللىي كىملىكىدىن چەكلىنىش قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ پەقەتلا بىر قانچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ; «خىتاي بۇنى تېررولۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ياخشى پۇقرالارنى يېتىشتۈرۈش دەپ باھالاۋاتىدۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ كۆرسەتتى» دېگەن.
يۇقىرىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى شاھىتلىرى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «بۇنىڭغا قارشى دەس تۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى. قايتا يۈز بەرمەيدۇ، دېگەن ئىكەنمىز، ئۇ ھالدا شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلدى.
مەزكۇر ۋىدىيو تىۋىتتىردا تارقىتىلغاندىن كېيىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت يۇقىرىدىكى يەھۇدىي دوستلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى ۋە تىۋىتتېىردا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كامېرا ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەمما ئۇلار ھېچكىمنى ئەخمەق قىلالمايدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى شاھىتلىرى «ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» دېگەن ۋەدىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى» دەپ يازغان.
«ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن يەھۇدىي ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان يەھۇدىيلارنىڭ باش قوشۇشى بىلەن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دىققەت تارتىش ۋە خەلقئارانى تارىختا بەرگەن «قايتا تەكرارلانمىسۇن» ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن مۇھىم پائالىيەتلەردە بولۇپ كەلمەكتە.