كانادادىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتايغا قارشى تۇرماقتا
ئالگېمىينېر (The Algemeiner) خەۋەر تورىنىڭ 6-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان.
-
مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-09-07 -
-
-
ئالگېمىينېر (The Algemeiner) خەۋەر تورىنىڭ 6-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كانادادىكى داڭلىق يەھۇدىي تەشكىلاتى بىناي بىرىز (B'nai B'rith) ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇلار كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش، قىيناش، خورلاش قاتارلىق غەيرىي ئىنسانىي قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلاشتەك تۈرلۈك پسىخولوگىيەلىك ۋە روھىي بېسىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بىناي برىز تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خىل ۋەقەلەر دۇنيادىكى يەھۇدىيلارغا قاتتىق ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ۋەھشىيلىكنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ.»