ئەنگىلىيە يەھۇدى جامائىتى رەھبەرلىرى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي كۆرۈشكەن
ئەنگىلىيە يەھۇدى جامائىتى رەھبەرلىرى 14-يانۋار ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ۋە سودا قانۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ماددىسىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى كېلەر ھەپتە ئەنگىلىيە سودا قانۇنىغا ئەنگىلىيە ئالىي سوتى ئىرقىي قىرغىنچلىق سادىر قىلدى، دەپ قارىغان دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قانۇن ماددىسىنى كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. بۇ ماددىدا شەخس ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ئەنگىلىيە ئالىي سوتىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئەرز قىلىشىغا يول قويۇلغان.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ماددا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيە ئالىي سوتىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەرز قىلىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى» دىن ئەنسىرەپ، قارشى قارشى تۇرغان ئىدى. «ئالگېمېينېر ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئەنگىلىيە يەھۇدى ۋەكىللەر كېڭىشى» نىڭ پرېزىدېنتى مارېي فون دېر زايىل 12-يانۋار «ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاۋاتقان كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرىغا قۇلاق سېلىشى» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەھشىلىكنى «بۇرۇن كۆرگەنلىكى»، «ئۇنىڭ نەگە ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ: «ھازىر ھەرىكەت قىلسىمۇ كەچىكمەيدۇ. بىز بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەگەر ئۇلار بۇ يولنى داۋاملاشتۇرسا، بۇنىڭ خەلقئارا ئاقىۋىتى بارلىقىنى كۈچلۈك ھېس قىلدۇرالايمىز،» دېگەن. يەھۇدى جامائىتى رەھبەرلىرىنىڭ پارلامېنتتىكى ئۇچرىشىشىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە ماھمۇتمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.