يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىپ 3 ئادەم ئۆلگەن، 7 ئادەم قامىلىپ قالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-04-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:50 دە، يەكەن ناھىيەسىدىكى تيەنلى كۆمۈركانىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 7 ئادەمنىڭ كان قۇدىقىدا قامىلىپ قالغانلىقى مەلۇم.

ۋەقەدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، سەھىيە، ئوت ئۆچۈرۈش ھەمدە تېببىي خادىملارنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن. ھالبۇكى، كۆمۈركان قۇدۇقىغا قامىلىپ قالغان 7 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى ياكى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە خەۋەر يوق.

ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان يەكەن ناھىيەسىدە «تيەنلى» دېگەن خىتايچە نام بېرىلگەن بۇ كۆمۈركاننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋەلىكى ياكى خىتايلار مەبلەغ سالغان شەخسىي كۆمۈركان ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلەردە مەزكۇر كۆمۈركاندا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەن خىتايلار ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

مەلۇمكى، 2014 - يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا يۈز بېرگەن يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن مەيلى خىتاي تاراتۇقىلىرىدا بولسۇن ياكى چەتئەل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا بولسۇن،يەكەن ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ناھايىتى سەزگۈر تېما بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن 3 - ئاپرىل يەكەندىكى تيەنلى كۆمۈركانىدا يۈز بەرگەن گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى خىتايدىكى بارلىق تاراتقۇلاردا ئۇلاپ بېسىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت