يەكەندە خىتاي ساقچىلىرى يەنە 8 ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى

2014-يىل ھارپىسىدا، خىتاي ساقچىلىرى يەكەندە يەنە سەككىز نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ 15-دېكابىر قەشقەر كونا شەھەردە يۈز بەرگەن 14 ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قانلىق ۋەقە بولۇپ، قىسقىغىنا ئىككى ھەپتە ئىچىدە ساقچىلارنىڭ ئوققا تۇتۇشى سەۋەبلىك ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تورلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىدا يەكشەنبە كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە «12-ئاينىڭ 30-كۈنى، سائەت 6:30 دە، توققۇز نەپەر زوراۋان ئۇنسۇر پىچاق كۆتۈرۈپ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان، پارتلىغۇچنى ئېتىپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرگەن. ج خ ساقچىلىرى كەسكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، 8 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى تۇتقان» دېگەن خەۋەر بېرىلدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە يۈز بېرىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ۋە يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

15-دېكابىر ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى «تېررورچى» دەپ ئېتىۋەتكەنلەر ئىچىدە 6 نەپىرىنىڭ ئايال، ئىككىسىنىڭ 18 ياشقا تولمىغان بالىلار ئىكەنلىكى ۋە بىر جەمەت كىشىلىرى ئىكەنلىكى ۋەقەدىن كېيىن ئاشكارىلانغان ئىدى.