خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا يەنىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى ئەكېلىدىغان يېڭى ئەندىزە يولغا قويۇلدى

خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىمغا يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن «مائارىپ ئىختىساسلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسى» نى يولغا قويغان.

بۇ ئەندىزە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئالتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرىدىكى توققۇز مەكتەپتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار سىناق مەكتەپلەردىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش ئوبيېكتى قىلىدىكەن. ئاز مىقداردا ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى قىلىدىكەن. سىناق قىلىنىدىغان ھەر بىر مەكتەپتە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە 10 دىن كەم بولمايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مەكتەپ مۇدىرى، بىر ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم، قالغانلىرى ئوقۇتقۇچىلار بولىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان «ئىختىساسلىق خادىم» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ساھە، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا ئادەم يۆتكەپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى يەنە ھەر يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈش مەزگىلىدە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىپ، ئىچكىرىدىكى خىتاي ياشلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ ئىشلەشكە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا مەڭگۈلۈك يەرلىشىپ قېلىشقا ئوچۇق-ئاشكارا چاقىرىپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى يۇقىرىدىكى بۇ ئەندىزىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىدا يىلتىز تارتىشقا تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى» دېدى.