يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى خىتاي بىلەن يارىشىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-03
Share

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن يېڭى زېلاندىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئۇنىڭ خىتاي بىلەن يارىشىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېر س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاسىندا ئاردېرن بۇ سۆزنى 3-ماي كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوكلاند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي سودا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاي بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئارىسىدا «قىلمايدىغان، قىلالمايدىغان ۋە قوشۇلمايدىغان ئىشلار» بارلىقى، بىراق بۇ ئىختىلاپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەلگىلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

جاسىندا ئاردېرن، خىتاي بىلەن بولغان قايسى كونكرېت ئىختىلاپ ۋە پەرقلەر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قىيىنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن. لېكىن ئۇ بۇ سۆزلەرنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ACT پارتىيەسى ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنتقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا قارار لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە قىلغان.

ACT پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى بروك فون ۋېلدېن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىز دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە بىزنىڭ ئە چوڭ سودا شېرىكىمىز ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلسا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە خىتاينى تەنقىد قىلىش توغرىسىدا يېڭى زېلاندىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بەش كۆز» ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك گۇرۇھىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىكەن. يىغىندا جاسىندا ئ‍اردېرن يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ دۇنيادىكى رولى كۈچەيگەنسېرى ۋە ئۆزگەرگەنسېرى بىزنىڭ مەنپەئەت ۋە قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن ئىككى سىستېما ئارىسىدىكى پەرقنى ياراشتۇرۇش تېخىمۇ قىيىنلىشىۋاتىدۇ…. . . مانا بۇ بىز ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر، شۇنىڭدەك ياۋروپا ۋە باشقا رايونلاردىكى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس»،

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت