رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گرانت روبېرتسون ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە دەرىجىسىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بىز مىنىستىرلىق دەرىجىسىدە بېيجىڭغا بارماسلىقنى قارار قىلدۇق. بىز بۇ ھەقتىكى قارارىمىزنى ئۆكتەبىر ئېيىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈپ قويغان ئىدۇق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر يېڭىلىق ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، روبېرتسون ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب قاتارىدا خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى ھەمدە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق سەھىيە مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا قوشۇمچە قىلىپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىمىزنىڭ بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدا، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقان» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى زېلاندىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق يۇغۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىىسى ھەرقاچان سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
