يېڭى زېلاندىيە ئاۋتېرو ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىنى تەنقىد قىلدى

يېڭى زېلاندىيەدىكى يەرلىكلەرنىڭ بىر ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ 21-ئاۋغۇست يېڭى زېلاندىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئ‍ۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قەبىھلىكنى بۇرمىلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. «سكۇپ مۇستەقىل خەۋەرلەر» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيە «ئاۋتېرو ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتى» 22-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ شياۋلوڭنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن. يېڭى زېلاندىيە «ئاۋتېرو ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ باياناتچىسى سام ۋىنسېنت، باش ئەلچى ۋاڭ شياۋلوڭنىڭ 21-ئاۋغۇست TVNZ نىڭ «سوئال-جاۋاب» پروگراممىسىدا «ۋاڭ شياۋلوڭنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قەبىھ قىلمىشىنى ساختا ئۇچۇر ۋە قىپقىزىل تەشۋىقات بىلەن بۇرمىلىغانلىقى» نى ئېيتقان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ب د ت، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى، نۇرغۇن ئىلمىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھۆججەتلەشتۈرۈلدى…. . ئۇيغۇرلار دائىم مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش شەكلى ياكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.»

ۋاڭ شياۋلوڭ 21-ئاۋغۇست «سوئال-جاۋابلار» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭدىن ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى دوكلاتى سورالغان. باش ئەلچى ۋاڭ ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسىنى «ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان»، «ھېچقانداق پاكىت بولمىغان ئەھۋالدا قارا-قويۇق ئەيىبلەش ئېلىپ بارغان بىرى» دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن سام ۋىنسېنتنىڭ باياناتىدا، «باش ئەلچى ۋاڭنىڭ يېڭى زېلاندىيە خەلقىگە راستچىل بولمىغانلىقى»، «ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللاۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.