ئۇيغۇر رايونىدىكى 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپ دېھقانغا يەر كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلگەن
خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 16-دېكابىر تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپ دېھقان نۆۋەتتە يەر كىنىشكىسى، يەنى يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش نىسبىتى 94. 7 پىرسەنتكە يەتكەن.
-
مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-16 -
-
-
خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 16-دېكابىر تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپ دېھقان نۆۋەتتە يەر كىنىشكىسى، يەنى يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش نىسبىتى 94. 7 پىرسەنتكە يەتكەن.
خەۋەردىكى مەلۇماتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2013-يىلدىن باشلاپ ھۆددىگەرلىك يەرلەرنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى سىناق تەرىقىسىدە باشلىغانلىقى، 35 مىليون 620 مو تېرىلغۇ يەرگە كىنىشكا بېجىرگەنلىكى، 2015-يىلدىن باشلاپ بۇ خىزمەتنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق دېھقانغا يەر كىنىشكىسى بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە بىر قانچە ئۇيغۇر دېھقاننىڭ يەر كېنىشكىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى خۇشاللىقى ئالاھىدە قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەرلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنالايدىكەن، خالىسا شىركەت-كارخانىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرەلەيدىكەن. كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خەۋەردە ئېيتىلغان 1 مىليون 800 مىڭ دېھقاننىڭ خېلى زور بىر قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تەڭ يېرىمى دېگۈدەك لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىپ، باغ-ۋاران، ئېتىزلىرى تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تىزىملاپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بەرگەنلىكى ئېنىق. يەنە كېلىپ، يەر كېنىشكىسىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ ئۇ يەرگە مۇستەقىل ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ.