ئاقچى ناھىيەسىدە 25-فېۋرال كۈنى 5.8 بال يەر تەۋرىگەن

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە 25-فېۋرال كۈنى سائەت 12 دىن 14 مىنۇت ‍ئۆتكەندە يەنە يەر تەۋرىگەن.

‍ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە 25-فېۋرال كۈنى سائەت 12 دىن 14 مىنۇت ‍ئۆتكەندە يەنە يەر تەۋرىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش كۈچىنىڭ 5.8 بال ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدىكى كونكرېت قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن يەر تەۋرەش ئورنىنىڭ پەقەت شىمالىي پاراللېل 41.15 گرادۇس، شەرقىي مېرىدىئان 78.41 گرادۇسقا توغرا كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى ئاقچى ناھىيە بازىرىغا 24 كىلومېتىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە 68 كىلومېتىر كېلىدىكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ تورىنىڭ خەۋىرىدە، پەقەت يەر تەۋرەش رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ شالاڭ جايلاشقانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ يەر تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى رايونلاردا كۈچلۈك ھېس قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتىن بۇيانقى، ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچتۇرپاندىكى ئۆتكەن قېتىملىق يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇرلارنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يەر تەۋرەشكە دائىر ئۇچۇرلارنى يوللىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغان. ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇچتۇرپانغا قاراشلىق يامانسۇ يېزىسىنىڭ يەر تەۋرەشتە قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، يەر تەۋرەشتە كېلىپ چىققان زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئائىت خەۋەرلەر بېرىلمىگەن، پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى كەڭ تاراتقانىدى. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقچى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى خادىملار ئاقچى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىق ئەھۋالى، يەر تەۋرەشتە ئادەم يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتنى تېخى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقى، كونكرېت ئەھۋالنىڭ ئىلگىرىلەپ سۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org