ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يېشىل كارتا» ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «يېشىل كارتا» بۇ يىل 1-مايدىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «يېشىل كارتا» بۇ يىل 1-مايدىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك كارتىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىدا قوللىنىلىشى بىلەن «خەلققە قۇلايلىق يارىتىش» نامىدا تارقىتىلغان «يېشىل كارتا» ئۆز رولىنى يوقاتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر «يېشىل كارتا» كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن تارقىتىلغان بولۇپ، ئادەتتە بىر يىللىق كۈچكە ئىگە بولغان ھەمدە ۋاقتى توشقان ھامان يېڭىلاش تەلەپ قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئون ئالتە ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر خىزمەت ياكى شەخسى ئىشلار تۈپەيلىدىن نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ئايرىلىپ باشقا جايلارغا بارماقچى بولغاندا مەزكۇر «يېشىل كارتا» نى چوقۇم يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى شەرت بولغان. رادىئومىز ئىلگىرىكى پروگراممىلاردا «قۇلايلىق كارتا» دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن مەزكۇر كارتىنىڭ ئەمەلىيەتتە، يەرلىك ئاھالىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقى ھەمدە خەلق ئاممىسىغا نۇرغۇن قۇلايسىزلىق پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بەرگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org