ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى تۈمەن يۋەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتتى»، دېگەن خەۋەر گۇمان قوزغىماقتا

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 16-فېۋرال كۈنى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئۆتكەن يىلى رايوندىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ تۈمەن يۋەنلىك ئۆتكەلدىن بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

شىنخۋا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8% ئېشىپ، تۈمەن يۋەنلىك ئۆتكەلدىن بېسىپ ئۆتكەنلىكى «تارىخىي خاراكتېرلىق زور بۆسۈش»، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بەس-بەستە داۋراڭ سېلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «تۈمەن يۋەنلىك كىرىم ئۆتكىلى» گە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى يېزا-كەنتلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىن نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاقسۇدىكى بىڭتۋەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدە يىل بويى ياللىنىپ ئىشلەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، «تۈمەن يۋەنلىك كىرىم» رايوندىكى خىتاي دېھقانلىرىغا نىسبەتەن راست بولسىمۇ، ئەمما جەنۇبتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا نىسبەتەن ئەمەلىي سان بولۇشى گۇمانلىق، دەپ قارىماقتا.