خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنى «بوشلۇقتىكى يىپەك يولى» قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كەلگۈسىدىكى 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا «يىپەك يولى» قاتناش تورى بەرپا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كەلگۈسىدىكى 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ۋېنا ۋە بۇداپېشتنى نۇقتا قىلغان شەرقىي ياۋروپا ھاۋا يولى، تېل-ئاۋىۋ، ئەبۇزەبى ۋە دوھانى نۇقتا قىلغان غەربىي ئاسىيا ھاۋا يولى، كاراچى، لاھورنى نۇقتا قىلغان جەنۇبىي ئاسىيا ھاۋا يولى شۇنداقلا شەرقتە ياپونىيەگىچە، غەربتە ئافرىقىغىچە تۇتۇشىدىغان يېڭى ھاۋا يوللىرى ئېچىلىدىكەن.
ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر خوتەن قاتارلىق جەنۇبتىكى شەھەرلىرىدىن خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئايرودروملار «قوش ۋەزىپىلىك» ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ئادەتتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى قونغاندىن سىرت، جىددىي ئەھۋاللاردا ھەربىي ئايروپىلانلارمۇ قونالايدىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا «يىپەك يولى» تورىنى بەرپا قىلماقچى بولغانلىقى، خىتاينىڭ رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جىددىي پەيتلەردە ئەسكەر يۆتكەش ئىشىنىمۇ ئاسانلاشتۇرىدىكەن.
