خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5-ئايدا «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى»غا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە 28 دۆلەت باشلىقىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يىغىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان زور كۆلەملىك دىپلوماتىيە پائالىيىتىدۇر. ئەمما مەزكۇر يىغىنغا ئاساسلىقى ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىنغا پاكىستان، رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر غەرب دۆلەتلىرىدىن پەقەت ئىتالىيەنىڭلا مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ«بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى نامىدىكى يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد پىلانى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قىزىقتۇرمىغان،
غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ سىياسىي مۇددىئاسى ئېنىق ئەمەس، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دېگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي پىلانىغا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولمىغان.
