دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان يول قۇرۇلۇشى شەھەر ئاھالىلىرىگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن
2016.04.19
رادىئومىزغا ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش ئەھۋالى ھەققىدە ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول قۇرۇلۇشى، شەھەردە قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ۋە ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول قۇرۇلۇشى ھەققىدە خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ خەۋەر بەرگەن بولۇپ، «شىنجاڭ خەۋەرلەر » تورىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يېڭى شەھەر رايونىغا يېڭىدىن 8 كوچا ياسىلىدىغانلىقى، بۇ يوللارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر دىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى، قۇرۇلۇشقا 500 مىليون سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خىتاي دائىرىلىرى 4-ئاينىڭ بېشىدا بەرگەن خەۋەرلىرىدە يەنە، قىش پەسلىدىكى قار سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدىكى يوللارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئەتىياز كىرىشى بىلەن يوللارنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنغان.
«خەۋەرلەر تورى»نىڭ 7-ئاپرېل بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدە 98 كوچىنىڭ بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ رېمونت قىلىنىدىغانلىقى، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ خىزمەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىرى چوڭ بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما رادىئومىزغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچىلار، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى مەكتەپ ۋە خىزمەتكە بېرىش، سودا قىلىشتا ئاساسىي يوللاردا پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولۇش، شەخسى ئاپتوموبىللارغا چەكلىمە قويۇلۇش قاتارلىق قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقى ئۈچۈن، ئاھالىلەردە نارازىلىق كەيپىياتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.









