«خىتاينىڭ دىگىتال گۇلاگى ئىچىدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر ئېلىدە يوشۇرۇن سۈرەتكە ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە لاگېرلارغا ئائىت ئەمەلىيەتلەر توختىماي ئاشكارىلانماقتا. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا كود ئىسمى لى بولغان بىر فىلىم ئىشلىگۈچى سودىگەر قىياپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى يوشۇرۇن سۈرەتكە ئالغاندىن كېيىن، «خىتاينىڭ دىگىتال گۇلاگى ئىچىدە» ماۋزۇلۇق بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن.

مەزكۇر فىلىمدا، 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن لاگېر ۋە نازارەت سىستېمىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەنىكەن. ئۇنىڭدا، 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قاتلام، ھەر ساھەسىگە تەۋە بولغان مىليونلارچە كىشىنىڭ غايىب بولغانلىقى، لاگېرغا قامالماي قالغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشىكلىرى ئالدىغا ئورنىتىلغان سانلىق مەلۇمات كودى ۋە ساناقسىز كامېرالار ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئارقىلىق قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقى، ئۆيلىرىگە خىتاي كادىر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ھەربىر كىشىنىڭ «نورمال، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ۋە خەتەرلىك» دېگەن 3 خىل كاتېگورىيەگە ئايرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر فىلىمدا مەزكۇر لاگېرلارنىڭ قانداقتۇر كىشىلەرنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئورۇنلىرى ئەمەس، بەلكى «ئۇلارنىڭ روھىنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرۈشنى» مەقسەت قىلغان ئورۇنلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

فىلىمدا يەنە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان دېررىي بايلېر ۋە رايىن تام قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر زىيارەت قىلىنغان. كومپيۇتېر تورى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى گرېگ ۋولتون بولسا فىلىمدا قىلغان سۆزىدە: «ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكىگە زور تەھدىت ھېسابلىنىدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق نازارەت تېخنىكىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا تەجرىبە قىلىنماقتا. ئۇلار خۇددى تەجرىبە چاشقانلىرىدەك قوللىنىلماقتا» دېگەن.

خەۋەردە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ھالىنى سۈرەتلەپ بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى زور جاسارەت بىلەن رايونغا بارغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت