خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.08

ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا زور ساندىكى ئادەم ئۆز جايلىرىدىن يۆتكىۋېتىلمەكتە.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا بۇ يىل كىرگەن 4 ئايدىن بۇيان 14 مىڭغا يېقىن ئادەم ئوز جايلىرىدىن يۆتكەپ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان».

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ كىشىلەر تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىڭتۇەنگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋىلايەت ئىچىدە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن يۆتكىۋېتىش دەپ قارىماقتا.

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مىقياسى بويىچە بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدىلا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى ئاستىدا يۆتكەلگەنلەرنىڭ ئادەم سانى 526 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. بۇ، ئالدىنقى ئوخشاش پەسىلدىكىدىن 14 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولۇپ، يۆتكەش خىزمىتى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستقا قاراشلىق 22 ناھىيەنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان.

يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەردە يەنە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئۇيغۇر رايون تەۋەسىدە 430 مىڭ ئادەم قېتىمنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» كە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە جەنۇبتا 110 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى يېزىلغان.

ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىدە ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىزچىل مۇھىم سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى» «كەسپىي تەربىيە مەركەزلىرى» دەپ ئاتاۋاتقان بىر شارائىتتا يۇقىرىدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار لاگېرغا قامالغانلار ۋە لاگېر ئەتراپىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشقا سېلىنىۋاتقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ناملىق بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك ھالدا تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار 70% تىن ئارتۇق بولغان جەنۇبتىكى رايونلارنىڭ نوپۇس قاتلىمىنى بۇزۇپ، بۇ جايلارغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.