خىتاينىڭ «كۇئاييا» ناملىق يۇمتالىنى ئىشلەتكەن 40 مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.11.26

خىتاي ھۆكۈمىتى «لۇشۈي» ناملىق بىر شىركىتىنىڭ يۇمتالىنى ئىشلىتىپ، 40 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقى ئاشكارىلاندى. ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى بىرلەشمىسى» نىڭ 24‏-نويابىر ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا تېلېفونىغا «كۇئاييا» ناملىق يۇمتالنى يۈكلەپ، ئۇ ئارقىلىق قۇرئانى كېرىم ۋە بەزى دىنىي مەزمۇنلارنى چۈشۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن 40 مىڭ 557 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان.

نۆۋەتتە، خىتاي دائىلىرىنىڭ بۇ 40 مىڭ كىشىنىڭ تېلېفون سانلىق ئۇچۇرىغا قانداق ئېرىشكەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا. ئەنگىلىيەدىكى «سودا ئىچكى خەۋەرلەر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «كۇئاييا» ناملىق بۇ يۇمتالنى بېيجىڭدىكى «لۈشۈي» ناملىق بىر تېلېفون يۇمتال شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ يۇمتال تېلېفون ئابونتلىرىنى قۇرئان-كەرىم ۋە باشقا دىنىي مەزمۇنلارنى تېلېفونغا يۈكلەشكە ۋە ئۇنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىشىشكە رىغبەتكلەندۈرىدىكەن. بۇ ئۇچۇرلار ئامېرىكادىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى بىرلەشمىسى» نىڭ 24‏-نويابىر كۈنى ئاشكارىلىغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

ھۆجەتتە قەيت قىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەرگە يۇقىرىقى 40 مىڭ 557 نەپەر كىشىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈش، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمىغاندا ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قايتا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەن. 24‏-نويابىر كۈنى ئاشكارىلانغان مەزكۇر ھۆججەت خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر يۇمتالنى ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قانداق ئېرىشكەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابونتلارنىڭ سانلىق ئۇچۇرىنى تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىلىرىغا قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېرىشىش كۈچى بارلىقى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكىدىكى ئىپۋم ناملىق بىر ۋىدىيو نازارەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر ئورگان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 12 خىل تېخنىكىلىق ئانالىز تۈرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ھۆددىگە بەرگەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنى جازالاش ۋە كەمسىتىشنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.