خىتاينىڭ «سەددىچىن سېپىلى» تور توسمىسىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان يۇمتال لايىھىلەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى
2013.11.19
ئۆزىنى «بۈيۈك بۆسكۈچى» دەپ ئاتىۋالغان بىر تور بېكىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «سەددىچىن سېپىلى» تور توسمىسىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان يۇمتال لايىھىلىگەنلىكىنى ۋە تورداشلارنى بۇ خىل يۇمتال بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ تور بېكىتى باياناتىدا، ئۇلار لايىھىلىگەن يۇمتالنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان «سەددىچىن سېپىلى توسمىسى» نىڭ توسالغۇسىنى يوق قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلەنگەن تور بېكەتلىرىنى توسۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا زور تۈركۈمدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي توسۇۋېتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ سودىسى ئۈچۈن زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېت قامالى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ خىتايدا ئېچىلىشىنى چەكلىگەندىن باشقا يەنە، كۆپلىگەن غەرب مەتپۇئاتلىرى، ھەتتا فېيسبوك، تۋىتېر قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلرىنىڭ خىتايدا ئېچىلىشىنىمۇ چەكلىگەن ئىدى.