خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سۈن چۈنلەن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قاتتىق قامال ئاستىدىكى قەشقەر ۋە قىزىلسۇ رايونلىرىنى زىيارەت قىلىپ، يۇقۇم تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملىق «ئۇرۇش ھالىتى»نى ساقلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «قەشقەردىكى ئوپچە يۇقۇم ۋەقەلىرى جىددىي ئىنكاس ۋە كەسكىن تەدبىرلەر تۈپەيلى ۋاقتىدا بايقالغان» بولسىمۇ، لېكىن «مۇتلەق كۆپ قىسمى يېپىق ھالەتتىكى بىر يېزا كارخانىسىدا بايقالغان يۇقۇمنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن»ئىكەن.
قەشقەردىكى بۇ يۇقۇم تۇنجى قېتىم قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى 3- كەنتىدىكى بىر كارخانىنىڭ 17 ياشلىق بىر قىز ئىشچىسىدا بايقالغان. بۇ ئەھۋال كۆزەتكۈچىلەردە يۇقۇم مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىغا تارقالدىمۇ؟،دېگەن سۇئال پەيدا قىلغان. كارخانىدىكى ئىشچىلارنىڭ ۋىرۇسنى قانداق يۇقتۇرىۋالغانلىقى يەنىلا بىر سۇئال بولۇپ قالغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى »گېزىتىنىڭ 6-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر قەشقەردە بايقالغان يۇقۇم بىلەن بۇ يىل 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە پارتلىغان يۇقۇمنىڭ ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان.
قەشقەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى سۈي يەن گېنېتىكىلىق تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى بۇ ئىككىسىنىڭ ئالاقىسى يوقلىقىنى كۆرسەتتى،دېگەن. لېكىن ئۇ يەنىلا بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىگە چۈشەنچە بەرمىگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 5 –نويابىر يۇقۇمدارلارنىڭ 78 گە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ 339 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇمدارلارنىڭ 15 نەپىرى قىزىلسۇنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئىكەن.