«يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى» پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.15

بۇ يىل بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، قىرغىزىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزمەكچى. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر مۇراسىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا 19 - فىېۋرال كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى تۈركىي دۆلەتلەر مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى بىردەك ئاۋاز قوشۇپ، 2016 - يىلىنى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى كەڭ ۋە كاتتا خاتىرىلەشنى قارار قىلغان. يىغىننىڭ نامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدىغان مەزكۇر ئېچىلىش مۇراسىمى، ئەنە شۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ باشلانغۇچىدۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1016 - يىلى قارىخانىلار دۈلىتىنىڭ بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1069 - ۋە 1070 - يىللىرى قۇتادغۇ بىلىك ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدە 1000 يىل ئاۋۋال يېزىلغان بۇ ئەسەردىن بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىپتىخارلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.