خىتاي يۈز تونۇش تېخنىكىسىنى ھايۋانلارغىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.08.24

يۈز تونۇش تېخنىكىسىنى ئۇيغۇر دىيارىدا سىناق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشتا كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىۋاتقان خىتاي، نۆۋەتتە مەزكۇر تېخنىكىنى ھايۋانلارغىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى «يۇنىترېيس تېخنولوگىيە شىركىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى جاۋ جىنشى يۈز تونۇش تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىدا قوللىنىلىپ، قوي، چوشقا، كالا قاتارلىق ھايۋانلارغا ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تېخنىكىدا «چوشقىنى پەرقلەندۈرمەك قىيىن ئىكەن».

ئۇ «چوشقىلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. ئەمما سۈتلۈك كالىلار ( ئىنەكلەر) بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار قارا ۋە ئاق كېلىدۇ، تۇرقىمۇ پەرقلىق» دېگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ يۈز تونۇش تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەزكۇر تېخنىكىنى بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىشلىتىپلا قالماي، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەقىب قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى، شۇڭا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتايدىكى «مېڭۋى شىركىتى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، «ئۇنىترېيس تېخنىكا شىركىتى» نىڭ مەسئۇلى جاۋ جىنشى يۈز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەر بىر ھايۋاننىڭ ھەرىكىتىنى كۆزۈتۈپ تۇرالايدىغانلىقى، ھەر بىر كالىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن سۇ ئىچىدىغانلىقى، قانچىلىك يەم يەيدىغانلىقى دېگەندەك ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتەليدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزىنىڭ نازارەت تېخنىكىسىنى سىناق قىلىدىغان سىناق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى، ئۇنىڭ كېيىنرەك بۇ تېخنىكىنى باشقا ساھەلەرگە كېڭەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.