«فوربېس» ژورنىلى: «بىز ھەممىمىز زامانىۋى قۇللۇققا شېرىكمۇ؟»

2020.12.03

12-ئاينىڭ 3-كۈنى «خەلقئارا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش كۈنى» بولۇپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بۇ خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جاۋاب» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋالىنا ئوچاب «فوربېس» ژورنىلىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بىز ھەممىمىز زامانىۋى قۇللۇققا شېرىكمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويغان ماقالىىسدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن نۆۋەتتە ئالاھەزەل 80، 000 ئۇيغۇرنىڭ كەم دېگەندە 83 خەلقئارالىق ماركىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك ئىسپاتلار بارلىقىنى، ھازىرغىچە بۇ خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىزاھات بەرمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئاندىن ئۇ بۇ ماركىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى قۇل ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش ئورنىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «‹نيۇ-يورك گېزىتى› نىڭ ماقالىسىگە قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى تەمىنلەش زەنجىرلىرى غەربىي شىنجاڭ رايونىغا تۇتۇشىدىغان ‹ئالما› قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىغا ئەزا سودا گۇرۇھلىرىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغان. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسا، بۇ خەۋەر كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ بەك ئويغا سالىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايلا قالماستىن، يەنە كېلىپ باشقىلارنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى: ھازىر بىز بۇ شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقىنى بىلىمىز ۋە بىز ئۇلار بازارغا سېلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئېلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا، ھەممىمىز زامانىۋى قۇللۇققا شېرىكمۇ؟»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.