ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «زامانىۋى يىپەك يولى» پىلانىغا زەربە خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.05.15

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى - رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەب تاييىپ ئەردوغان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا زەربە خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرغان.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 15-ماي شى جىنپىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئەللىرىدىن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «زامانىۋى يىپەك يولى» پىلانىغا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت خىتاينىڭ مەزكۇر سودا پىلانى ھەققىدە زەربە خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى قوللايدىغان بايانات ئېلان قىلىشنى بىردەك رەت قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۈگۈن رويتېرز ئاگېنتلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاينى ھەيران قالدۇرغان بىر نۇقتا شۇكى، بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنى رەت قىلىدىغان كوللېكتىپ ئىنكاس بېلگىيە، ئېستونىيە، گېرمانىيە، ھونگارىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شى جىنپىڭنىڭ «زامانىۋى يىپەك يولى» پىلانىغا ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاۋاز قوشقان بولسىمۇ، ئەمما دونالد ترامپ، ئانگېلا مېركېل ۋە تېرىسا ماي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرى پەرۋا قىلمىغان. ھىندىستاندا بۇنىڭغا قارىتا ئاممىۋى قارشىلىق كەيپىياتى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ھىندىستان گېزىتلىرى خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنى «مۇستەملىكە كارخانىچىلىقى» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.