خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىلاردىن بولماقتا. ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ژۇرناللاردىن «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «قەدىمكى ‹يىپەك يولى› نىڭ 21-ئەسىردىكى يېڭىچە شەكلى» دەپ تەرىپلەۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش 65 دۆلەت كە ۋە پۈتكۈل يەر شارى نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىگە چېتىلىدىكەن. ناۋادا بۇ قۇرۇلۇش مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلسا ئۇ ھالدا خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق دەماللىققا باش كۆتۈرۈۋېلىش، ئوتتۇرا ھال بىر مەزگىلدە بۇ تەۋەلىكتىكى بايلىقلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ توۋارلىرىنى ساتىدىغان دۇنياۋى بازارلارنى كۆپلەپ ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى رولىغا بىر زور خىرىس پەيدا بولىدىكەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ كۆزلەنگەن ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. تېخى يېقىندا ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس خىتاينى ئەيىبلەپ، «دۇنيادا بەلۋاغ ۋە يوللار بەكمۇ كۆپ. ئەمما ھېچكىم ئۆزىنى مەلۇم بەلۋاغ ياكى يولغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دەۋالماسلىقى لازىم،» دېگەن ئىدى.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەردىن بولغان ئۇيغۇرلار دىيارى ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. مۇخبىر بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگەندە قورغاستىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ خىتاي مەسئۇللىرىدىن بىرى «ھازىر قورغاسنىڭ ئاستى لاي بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يەر ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ،» دېگەن. ئۇ، بۇ قۇرۇلۇشتا مەزكۇر رايون بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
