30-ئىيۇل كۈنى خېبىي ئۆلكىلىك ئوتتۇرا سوت 2008-يىلى يۈز بەرگەن ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان زەھەرلىك جۇۋاۋا دېلوسىدىكى گۇماندار لۇ يۆتىڭ ئۈستىدىن سوت ئاچقان.
بۇ سوت ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئالدى بىلەن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق خەلقئاراغا تارقىتىلدى. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكى سوت قائىدىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ياپونىيىلىك ئىككى مۇخبىرنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان، ئەمما سوت مەيدانىدا خاتىرە قالدۇرۇشىنى چەكلىگەن.
سوتقا قاتناشقان ياپونىيە سودا گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىنايەت گۇماندارى لۇ يۆتىڭ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىدىغان خېبىي تيەنياڭ يېمەكلىك شىركىتىنىڭ ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان تەييار جۇۋاۋىلىرىنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىكنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، تيەنياڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان جۇۋاۋىدىن زەھەرلەنگۈچىلەردىن كەچۈرۈم سوراپ، سوتتىن ئۆزىگە كەڭچىلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت ھۆكۈمى تېخى چىقىرىلمىغان بولسىمۇ، جىنايەت گۇماندارى لۇ يۆتىڭغا 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
خىتايدىكى زەھەرلىك يېمەكلىك مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتايدا ئىشلەنگەن جۇۋاۋىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى 2008-يىلى 1-ئايدا ياپونىيەدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا جۇۋاۋىدىن زەھەرلەنگەن 10 نەچچە كىشى ھەققىدىكى خەۋەر ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيە، كورېيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، خىتايدىن كىرىدىغان تەييار يېمەكلىكلەرگە چەكلىمە قويغان ئىدى.