مەركىزى ئەنگىلىيىنىڭ لوندۇن شەھىرىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 12 - ئاپرىل سەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئەمگەك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا، بۇلتۇر 12 - ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ يىل 1 - ئايدا قولغا ئېلىنغان، نۆۋەتتە گۇاڭجۇ 1 - تۈرمىسىدە قاماقتا يېتىۋاتقان خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىدىن زېڭ فېيشاڭ، مىڭ خەن قاتارلىقلارغا، «ئادەم توپلاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش جىنايىتى» ئارتىلىشى، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆز قانۇنىي ھەقلىلىرىنى قوغداش يولىدىكى ھەققانىي تەلىپىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىق دەپ ئەيىبلەنگەن.
باياناتتا يەنە، زېڭ فېيشاڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي ئەمگەك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى خې شاۋبونىڭ 7 - ئاپرىل كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، خىتايدىكى ناھاقچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشىدا خەلقئارا جەمئىيەت بېسىمىنىڭ مەلۇم رولى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
