ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كېمەيگەنلىكىنى، دىنىي رادىكاللىقنىڭمۇ سۇسلىغانلىقىنى، بىراق رايوندىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۈپەيلى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئازىيىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى قاتارىدا كۆرسىتىپ «قەيەردە تېررورلۇق ئوي-پىكرى ۋە ھەرىكەت ئوتتۇرىغا چىقسا، بىز شۇ يەردە قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزلىرىنى «بىر-بىرىگە زىت» دەپ كۆرسەتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ساختا مۇقىملىق يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى چې جۈن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز چىقىشىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش «دىنىي رادىكاللار ۋە بۆلگۈنچىلەر» گە باغلاپ كەلگەن.
