سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كومپارتىيەسىىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا بىر قىسىم ۋەكىللەر يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى، نۆۋەتتە «مەركىزىي پارتىيە قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىم لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان.
بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن جاڭ چۈنشيەن 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا تەيىنلىنىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن، 2016-يىلى بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئۇنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلىنىشى بىلەن بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر «بېيجىڭ دائىرىلىرى جاڭ چۈنشىيەننى داۋاملىق ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشى ئېھتىمالغا يېقىن» دېيىشمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتېتى ئادەتتە «پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى» دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ 205 ئەزاسى، 171 كاندىدات ئەزاسى بار ئىكەن. خىتاي قانۇنىدا ئەزالارنىڭ ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ئومۇمەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي بيۇروسى ۋە سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىكەن.