جاڭ چۈنشيەن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.01.09


جاڭ چۈنشيەن 2016 - يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 7 - يانۋار ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭغا قاراتمىلىق ياردەم بېرىش بىر چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈر، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹ 13 - بەش يىللىق» پىلانى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلىنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نى ئېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلغان.

مەزكۇر يىغىندىن كېيىن، 19 خىتاي ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەت - شەھەرلەرگە قاراتمىلىق ياردەم بېرىشكە كېلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلدىكى «5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، «مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا» دەپ قاراپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا پەقەت ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ۋە خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.