خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى
خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ 19 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-02-19 -
-
-
خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ 19 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان. جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ليۇ جىڭچىڭ 18 - فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ بۇ دېلوغا مەسئۇل سوتچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، دېلونى يۇقىرى سوتقا يوللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سوتچى دېلونى يوللاپ بېرىشكە قوشۇلغان.
جاڭ خەيتاۋ ئىلگىرى چەتئەلدىكى خىتاي تىلىدىكى تورلاردىن «بوشۈن» تورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ ماقالە يازغان. ئۇ 2015 - يىلى 6 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، دەسلەپتە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «مىللىي كەمسىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئەمما ئۇ، كېيىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش»، «چېگرا سىرتىغا ئاخبارات يەتكۈزۈش» بىلەن سوتلىنىپ، 19 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. سوتنىڭ ھۆكۈمى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرى سوتنىڭ مەزكۇر دېلوغا ئادىل ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلدى.