ئۇيغۇر رايونلۇق يۇقىرى سوت خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ئەرزىيەت سوتىنى يەنە كېچىكتۈرگەن


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئەرزىيەت سوتىنى يەنە كېچىكتۈرگەن. جاڭ خەيتاۋ چەتئەلدىكى خىتاي تور بەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇ 2015 - يىلى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 1 - ئايدا «چەتئەلنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش»، «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. ئۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى.

جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يۇقىرى سوتنىڭ ئۇنىڭ ئەرزىيەت سوتىنى 2 - قېتىم كېچىكتۈرۈشى ئىكەن. يۇقىرى سوت ئىلگىرى ئۇنىڭ سوتىنى بىر قېتىم كېچىكتۈرۈپ، 19 - سېنتەبىر ئېچىشنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئەمما جاڭنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت خىتاي ئالى سوتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، جاڭنىڭ سوتىنى يەنە كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. جاڭنىڭ ئايالى ۋە ئادۋۇكاتى رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، دائىرىلەر سوتنىڭ قاچانغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى تېخى ئېيتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت جاڭ خەيتاۋنى تۋېتىر، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «پىتنە تارقىتىپ، ھۆكۈمەتكە تۆھمەت قىلىدىغان نۇرغۇن ماقالە، رەسىملەرنى ئېلان قىلىش»، «مۇقىملىقنى قوغداشنى بۇرمىلاپ، ھاكىمىيەتكە ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھاقارەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

لېكىن جاڭ ئەرزىنامىسىدە، تەپتىش دائىرلىرىنىڭ ساختا دەلىل ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى، سوتقا قانۇنسىز دەلىل سۇنغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئالداپ ۋە ئۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىقى ۋە سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.