جاڭ چۈنشيەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى گۇمان قوزغىدى
2016.02.03
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 31 - يانۋار كۈنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە بىر يىغىن ئاچقان، يىغىندا سېكرىتار جاڭ چۈنشيەن مىللەتلەر ئۆز - ئارا ئىشەنچ، ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىش چاقىرىقىنى تەكرارلىغان. رويتىرىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ چۈنشيەن يۇقىرىقى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن مىللەتلەر ئۆز - ئارا سىڭىشىپ ياشاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭغا ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرىنىڭ باشلامچى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەپنىڭ ئورامىدىن جاڭ چۈنشيەننىڭ خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا ئارىلىشىپ يەنى باردى - كەلدى قىلىپ ياشىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
رويتىرىس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە دەل مۇشۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە، بۇ تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىيلىشىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بايان قىلغان. رويتىرىسنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن مىللەتلەر ئۆز - ئارا سىڭىشىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۇنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە رايوندا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر مىللەتلە رئارا ئىشەنچسىزلىك ۋە ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. رويتىرىسنىڭ خەۋرىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە خىتايچە سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ خېلى كۆپلۇكى، ئەمما ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان خىتايلارنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.









