جاڭ چۈنشيەن ئۆتكەن بىر يىلدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يىل بېشىدىن ئاخىرىغىچە توختىمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.15

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ئۆتكەن ھەپتىدە مۇقىملىق سېپىدىكى خادىملاردىن ھال سورىغان چېغىدا قىلغان سۆزىدە «يىل بېشىدىن يىل ئاخىرىغىچە قان تۆكۈپ قۇربان بەرسەڭلارمۇ ئۈكۈنمىدىڭلار» دەپ مەدھىيەلەش ئارقىلىق ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بەرگەنلىكىدەك بىر رېئاللىقنى ئاشكارىلىغان. ئەمما خىتاي ئاخباراتى ئۆتكەن بىر يىلدا يۈز بەرگەن بىر نەچچە ۋەقەنىلا خەۋەر قىلغان، ئۇنى خەۋەر قىلغاندىمۇ، مەزكۇر ۋەقەلەر مۇستەقىل چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى ئىجتىمائي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەۋەر قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئورۇن ئالغان خەۋىرىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ چۈنشيەن كوماندىر - جەڭچى ۋە ساقچىلارنى دېلولاردىن ساۋاق ئېلىپ ئادەم توپلشىدىغان سورۇنلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى بۇيرىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى بەزىدە تىنچ - ئىتتىپاق، بەزىدە خەتەرلىك دەپ زىددىيەتلىك تەسۋىرلىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس. ئۇيغۇر رايون رەھبەرلىرىدىن شى داگاڭ ئالدىنقى يىلى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىخەتەرلىك جەھەتتە ئەندىشە قىلغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىق بىر يۈرۈش قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.