«زىمىستان» تورى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت قىلىش نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«زىمىستان» تورى 8-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئۇلار يېقىندا خېنەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ «ئىككى قۇرۇلتاي» روھىنى ئۆگىنىش يىغىنىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە قىلىنغان مۇزاكىرە پىلانىنىڭ مەزمۇنىغا ئېرىشكەن.

پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭدا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىرىنى بايقاپ قالسا، ئۇنى دەرھال «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئىشخانىسىغا خەۋەر قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش يوليورۇقى بېرىلگەن.

پىلاندىن يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش، ئۇلارنىڭ پۇلىنى نەگە ئىشلىتىۋاتقانلىقى، نېمە سېتىۋالغانلىقى، تور ئالاقىلىرى، دىنى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ ئېنىق بولۇشى دېگەنلەرمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن.

بۇندىن باشقا يەنە، فۇياڭ شەھىرىدىكى مېھمانخانىلار ۋە تورخانىلارغىمۇ ئۇيغۇرلارنى كۆرسە مەلۇم قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلار چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

«زىمىستان» تورى يەنە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار «خەتەرلىك ئۇنسۇرلار» دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل بىر مىللەتنى «تېررورلۇق» «رادىكاللىق» نامى بىلەن قارىلاپ، 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنى لاگېرغا قامىغانلىقى دۇنيادا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزىنىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» گە ئوخشاش ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېچەك پەسلىدە ساياھەتچى جەلپ قىلىپ، يەرلىكلەرگە ناھايىتى زور كىرىم مەنبەسى ياراتقانلىقىنىمۇ خەۋەر قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت