«زىمىستان» تورى ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان «زىمىستان» تورى 6-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى.

ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا قامىلىپ، يېتىمغا ئايلاندۇرۇلغان بۇ بالىلار خۇددى تۈرمىلەرنى ئەسلىتىدىغان يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا پەرۋىشسىز قالغانلىقىنى، ھەتتا 2-3 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشقا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىسى «زىمىستان» تورىغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ 11-ئايدىكى توڭ قىشتا 8 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ نېپىز چاپان بىلەن تالادا توڭلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكى، ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ 2017-يىلى مارتتا لاگېرغا قامالغاندىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، بۇ بالىنىڭ يەنە بىر قانچە كىچىك قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 70 تىن ھالقىغان ۋە ھېچقانداق كىرىم مەنبەسى بولمىغان قېرى مومىسىغا قاراشلىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ موماي ۋە نەۋرىلىرى قورسىقىنىمۇ تەستە تويغۇزىدىكەن. بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچى «زىمىستان» تورىغا قىلغان سۆزىدە «ئۆزىنىڭ بۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئازابلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى» ئېيتقان.

«زىمىستان» تورى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەنمۇ سۆزلەشكەن. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ساۋاقداش ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك لاگېردا ئىكەنلىكى، بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سىنىپتا داۋاملىق خىتاي ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلىدىغانلىقى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدە «يوشۇرۇن تېررورچى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تىرىك يېتىم» غا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە شۇنداقلا كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت