«زىمىستان» تورى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە ئائىت بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.02

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ۋە رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كېلىۋاتقان «زىمىستان» تورى 2-ئاپرېل كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«زىمىستان» تورى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر نەرسىگە چېتىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغان. مەلۇم بىر خىتاي دۇكاندار مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ تۇڭگان دوستلىرىنىڭ «ھالال» يېمەكلىك يېيىشتىنمۇ قورقۇپ «ھازىر بىز ھەممە نەرسىنى يەيمىز. ھالال يېمەكلىك يېگەنلىكىمىزنى ھۆكۈمەت بىلىپ قالسا ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە بىر ئۇيغۇر ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ دۇكاندىكى يوپكىنىڭ ئېتىگىدىكى نەقىش ئىسلامچە كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن قورقۇپ يوپكىنى ئالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. 

خەۋەردىن قارىغاندا يەنە دائىرىلەر ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە سۇپا قىلىپ، گىلەم سېلىپ ئولتۇرىدىغان ئادىتىنىمۇ يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە سافا ئېلىشقا مەجبۇرلىماقتىكەن. بىر مەكتەپ مۇدىرى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ باشلامچى بولۇپ سافا ئالماقچى بولغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. 

«زىمىستان» تورىنىڭ شۇ يەردىكى خىتاي ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىر بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىش، قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئوخشاش تۇتامى يوق سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن، ئۇلار ھازىر بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويۇپ لاگېرغا كىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلار ھازىر يولدا ماڭسىمۇ بىرەر خىتاي بىلەن كۆزى ئۇچرىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەرگە قاراپ ماڭىدىغان، ئەگەر بىرەر خىتاي بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالسا ھودۇقۇپ قاتتىق كەچۈرۈم سوراپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان. شۇ يەردىكى لاگېرلاردىن بىرىدە خىزمەت قىلىدىغان بىرى بولسا «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ لاگېرغا قاماپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنى قويۇۋېتىش نىيىتى يوقلۇقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق بىر جىنايەتكە دۇنيانىڭ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.