يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «ئاز سانلىق مىلللەرلەر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى» كۆرگەزمىسىدىن ئورۇن ئالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


يېقىندا خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا «يېڭى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر كۆرگەزمىگە قويۇلغان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقلىرىدا نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇرچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىچىدە مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ يېڭى نەشرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتىكەن.

1940-يىللاردىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەمدە مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قىرلىق سىياسىي، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشى تەسۋىرلەنگەن 3 توملۇق مەزكۇر رومان يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆز خەلقىگە قالدۇرغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسىدۇر.

مەزكۇر رومان يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپاتىدىن بىرقانچە ئاي كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتايىن قىيىن سىياسىي ئاتموسفېرادا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابقا بېغىشلانغان زور ھەجىملىك تارىخىي رومان بولۇپ قالغان.

ئەدەبىياتشۇناسلار، «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1980-يىللاردا يورۇق كۆرگەن «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ كۆپ تىراژدا نەشىر قىلىنغان ئەسەر بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.