ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلىغان زۇلھايات ئىسمائىل خىتاينىڭ «تۆھپىكار ئۈلگىلىك ئايال» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-03
Share

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا خىتايغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئاقلىغان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «تۆھپىكار ئۈلگىلىك ئايال» نامىغا ئېرىشكەن.

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 28-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە خەلقئارالىق سۆز قىلىش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنىڭ قەتئىيلىكىنى قوغدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

زۇلھايات خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان، ب د ت خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلىغان.

ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىكى پەسىللىك يىغىنىدا «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» گە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە تىل يېزىقلىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە، مەمۇرى، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تور ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە» دېگەن. بىراق ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى رايوندىكى رەسمىي ئورگانلاردا چەكلىگەنلىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017-يىلى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى رايوندىكى مەكتەپلەردە بىكار قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغانىدى.

زۇلھايات مۇكاپاتلاش يىغىندا يەنە كىشىلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتى مىللىتى ئېقىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش» كە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت