ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات يىغىنى ئ‍ۆتكۈزۈپ، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت 11-ئ‍ۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا 57-قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەنە ئامېرىكاغا، غەرب تەتقىقات ئورۇنلىرىغا، تەتقىقاتچىلىرىغا، شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا لاگېر شاھىتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇمى زۇمرەت داۋۇتنى نىشان قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ، زۇمرەت داۋۇتقا قارىتا مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئ‍ۆيىگە «قوشماق تۇغقان» ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ لاگېردا ياتقانلىقىنى رەت قىلغان.

شۈ گۇيشياڭ ھەتتا زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىنىڭمۇ «ساقچىلارنىڭ كۆپ قېتىملىق سۇئال سورىقىدا ئ‍ۆلگەنلىكى» نى ئىنكار قىلغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا زۇمرەت داۋۇتقا نىشانلىق ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلىشى، زۇمرەت داۋۇتنىڭ 7-ئۆكتەبىر ئامېرىكادىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ بالاياتقۇسىنى ئېلىۋېتىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا بولغان. زۇمرەت داۋۇتنىڭ 11-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دوختۇرلار ئۇنىڭغا بالاياتقۇسىنىڭ 3 يىل بۇرۇن تىببىي قائىدىگە خىلاپ ۋە خەتەرلىك رەۋىشتە بوغدۇرۇلغانلىقى، ئ‍ەگەر ئېلىۋەتمىسە بۇنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

زۇمرەت داۋۇت ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىتا مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ئ‍وپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى.

شۈ گۇيشياڭ ئاخبارات يىغىنىدا يەنە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز، ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئ‍ىنىستىتۇتى ۋە ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان.