ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-31
نۇر بەكرى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى، ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى شۆھرەت زاكىر ئۆتكۈزۈۋالدى. يېڭى يىل ھارپىسىدىكى بۇ تاسادىپىلىقنى ھېچكىم بۇرۇن پەرەز قىلمىغان ئىدى.
2014-12-31
ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ياشنى كەلپىندە ناھەق ئېتىۋېتىلگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۈندىدارغا يوللىغانلىقى سەۋەبلىك 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
2014-12-31
تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرماقتا. 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تۈركىيە دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 300 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن نامايىش، مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش ۋە قول قويۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ، تۈرك ھۆكۈمىتىنى تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشكە چاقىرماقتا.
2014-12-31
خىتاي ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2013-يىلى 26-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 06:00 ئەتراپىدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا، ساقچىخانا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى شۇنداقلا بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 27 ئادەم قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
2014-12-31
موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا 9 - دېكابىر 19 يىللىق قاماق جازاسىنى تاماملاپ، خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچى دائىرىلىرى نازارىتىنى كۈچەيتىپ،ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلە تېلېفونى تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچراپ. سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغان، ھەتتا ئوغلى ۋۇرېڭېنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىمۇ چەكلەنگەن. ئائىلە ئەزالىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان شۇنداقلا خادانىڭ سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ كەتكەن.
2014-12-31
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، مائارىپى ۋە باشقا ساھەلىرىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرنى ئەسلەش، بۈيۈك نامايەندىلىرى ھۆرمىتىگە ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
2014-12-31
شىۋېتىسىيە پايتەختى سىتوكخولىمدىكى تايلاند ئەلچىخانسى ئالدىدا، تايلاند تۇرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 300نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2014-12-31
گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەش ئادەم قازاقىستان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، سەيشەنبە كۈنى قازاقىستانغا ئەۋەتىلگەن.
2014-12-31
خىتاي سوت دائىرىلىرى ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ياش ئۈچۈن ئىككى مىليون سوم تۆلەم تۆلەشنى قارار قىلدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1996 - يىلى، ئىچكى موڭغۇل سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر ئايالنى بۇلاپ، ئۆلتۈرۈۋېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان 18 ياشلىق موڭغۇل ياش خۇگجىلتۇنىڭ دېلوسى يېقىندا ئېنىقلىنىپ، ئۇنىڭ ناھەق تۈردە قارىلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەرز قىلىشى ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىچكى موڭغۇل سوت دائىرىلىرى مەزكۇر دېلو ئۈچۈن 2مىليون 59 مىڭ سوم تۆلەم پۇلى بېرىشنى قارار قىلغان. بۇ ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا 330 مىڭ دوللارغا توغرا كېلىدىكەن.
2014-12-31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش»، «دىنىي رادىكالىققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىشلەپ چىقىلغان «مۇز تاققا كەلگەن مېھمان» ئوپېراسى 30 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ھەم كادىرلىرى ئۈچۈن كوللېكتىپ شەكىلدە كۆرسىتىلدى.
2014-12-31
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن«قىرىمنىڭ رۇسىيە تەركىپىگە قايتىپ كېلىشى رۇسىيە تارىخىنىڭ مۇھىم دەۋرى» دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆزىنى ۋلادىمىر پۇتىن 31 - دېكابىر كۈنى پۈتۈن رۇسىيە خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ، سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇقتىدا ئېيتقان.
2014-12-31
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە يېڭى يىل ھارپىسىدا، يەنى 31 - دېكابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 17 ئادەم ئۆلگەن ۋە 33 ئادەم يارىلانغان. يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن
2014-12-31
مىلادىيە 2014 - يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 2015 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكتە. يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى مەملىكەت رەھبەرلىرىمۇ تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، 2015 - يىلىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زور نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
2014-12-30
ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 30-دېكابىر رادىئومىزدا يېڭى يىللىق سۆھبەت ئېلان قىلدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشقا چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2014-12-30
3 ياشلىق ئابدۇللانىڭ تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بىلەن تايلاندتىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا قازا قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.